مەزمۇنلار - ئاساسىي ياردەم باش تېمىسى
ئاساسىي ياردەم باش تېمىسىنى كۆرسىتىدۇ، تەرتىپلەش ئۇسۇلى ھۆججەت باشقۇرغۇچتىكى ھۆججەت قىسقۇچقا ئوخشايدۇ.
![]()
يېپىلغان قىسقۇچ سىنبەلگىسى قوش چېكىلسە، شۇ قىسقۇچنى ئاچقىلى بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىكى تارماق قىسقۇچ ۋە ياردەم بېتىنى كۆرسىتىدۇ.
![]()
ئېچىلغان قىسقۇچ سىنبەلگىسى قوش چېكىلسە، شۇ قىسقۇچنى ياپقىلى بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىچىدىكى تارماق قىسقۇچ ۋە ياردەم ھۆججىتىنى يوشۇرىدۇ.
![]()
ھۆججەت پۈتۈكىنىڭ سىنبەلگىسىدىن بىرى چېكىلسە، مۇناسىپ ياردەم بېتىنى كۆرسىتىدۇ.
يا ئوق كۇنۇپكىسى ۋە Return كۇنۇپكىسىنىڭ بىرىكمىسى ئىشلىتىلسە، تۈرنى ئاچىدۇ ھەمدە يۆگەيدۇ، پۈتۈك ئاچىدۇ.